مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كەسپىي تاللاش ئەسلىي مەقسەتنى نۇرلاندۇرىدۇ

2020.08.06 16:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  يېقىندا، خۇنەنلىك دېھقان قىز جۇڭ فاڭرۇڭنىڭ يۇقىرى نومۇر بىلەن بېيجىڭ داشۆسىنىڭ ئارخېئولوگىيە كەسپىنى تاللىغانلىقى قىزغىن غۇلغۇلا قوزغىدى. گەرچە «ئارخېئولوگىيە كەسپى پۇل تاپالمايدۇ»، «خىزمەت تېپىش تەس» دېگەندەك مۇلاھىزىلەر بولسىمۇ، لېكىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بۇ تاللاشنى چۈشەندى ۋە قوللىدى.

  بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، ئائىلىسى ئاددىي بىر يېزا ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالغان بولسىمۇ، ئەمما نىسبەتەن ئاقمايدىغان ئارخېئولوگىيە كەسپىنى تولدۇرغانلىقى ئويلىمىغان يەردىن چىقتى. لېكىن، بۇ تاللاش چىن قەلبتىن چىققان بولۇپ، ئارخېئولوگىيەگە بولغان ئۇزۇندىن بۇيانقى ياخشى كۆرۈش ۋە ئىنتىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئىچكى دۇنيادىن كەلگەن چاقىرىققا قۇلاق سالدى. بۇ قىممەتلىك ئەسلىي مەقسەتنى تەرىپلەشكە ئەرزىيدۇ.

  ھازىرقى جۇڭگودا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتىدۇ، ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈنكى ياشلار ئۆز قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى پۇرسەتكە ئىگە، كىشىلىك تۇرمۇش يولى ھەر خىل ئىمكانىيەتلەرگە تولغان. مۇشۇنداق بولغانسېرى، قەلبى ۋە ئۆزىگە شۇنچە دىققەت قىلىپ، ئۆزىگە نېمە ماس كېلىدۇ، نېمىنى قوغلىشىشقا ئەرزىيدۇ، دېگەنلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇش زۆرۈر. پۇل تېپىش ئىستىقبالغا تەڭ ئەمەس، پۇل تېپىش مۇمكىنچىلىكى ياخشى كەلگۈسىگە تەڭ ئەمەس، ماددىي ئۆلچەمگە ھەددىدىن زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ، بىر مەھەللىك مەنپەئەتكە بېرىلىش بىلەن، كۆپ ھاللاردا ئادەم ئالدىراقسانلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئېنىق كۆرەلمەي، تېخىمۇ گۈزەل كىشىلىك تۇرمۇش مەنزىرىسىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.

  كەسىپلەر ئاۋات كەسىپ، كاسات كەسىپ دەپ ئايرىلمايدۇ، تاللاش قىممەتنى نامايان قىلىدۇ. شەخسىي ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ۋە خەلققە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش ئەڭ ياخشى كىشىلىك ھايات تاللىشى. ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كۈرەش قىلغۇچىلار ھەرىكىتى ئارقىلىق بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ھەر بىر ئىش ئورنىنىڭ قىممىتى بولىدۇ، ھەر بىر جان تىكىپ ئېلىشىشنىڭ ئېسىللىكى بولىدۇ، گۈزەل يىللارنى دەۋر ئېقىمىغا سىڭدۈرگەندە، ھاياتلىق ھامان پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

  كىشىلىك ھايات يولى ئۇزۇن، جەمئىيەتمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ، «تاللاش» − ئۈزلۈكسىز جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك كىشىلىك ھايات تېمىسىدۇر. «ئەسلىي مەقسەتكە ئېرىشىش ئاسان، باشتىن-ئاخىر ساقلاش تەس» دەيدىغان سۆز بار، ئەسلىي مەقسەتنى ساقلاش، غايىدە چىڭ تۇرۇش بىر مەزگىللىك ئىش ئەمەس، بەلكى ئۆمۈرلۈك ئىش. دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى فەن جىنشى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى 50 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت قوغداپ، چوڭقۇر مۇھەببەتلىك چىڭ تۇرۇش ئارقىلىق «قەلبىم دۇنخۇاڭغا تەۋە» دېگەن سۆزىنى ئىسپاتلاپ بەردى؛ نەن رېندۇڭ «زېھنىنى ئۆمۈربويى بىر ئىشقا قارىتىپ»، نەچچە ئون يىل كۈرەش قىلىپ، «جۇڭگو تيەنيەن»نى ئاسمانغا تەلپۈندۈردى؛ «خەلق مائارىپچىسى» يۈ يى «تۆھپە قوشۇش ئوقۇتقۇچىنىڭ ئالىي بۇرچى» ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىپ، دەرس مۇنبىرىدە يىلتىز تارتتى... نام- مەنپەئەت ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، قىزغىن سۆيۈشنى يەلكەن قىلىپ، كۈرەشنى پالاق قىلغاندىلا، ھاياتلىق كېمىسى يولدىن ئېزىپ قالماي، مەڭگۈ ئارزۇ-ئارمانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ