باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھەر كۈنى ئىككى تال مايمۇن شاپتۇلى ئىستېمال قىلىپ بەرسە، بېسىمغا قارشى تۇرۇش ۋە ھاردۇق چىقىرىشقا پايدىلىق

2017.01.03 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تېز رىتىملىق تۇرمۇش ھالىتى ئاستىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. 12- ئاينىڭ 19- كۈنى كورېيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقات ماقالىسىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھەر كۈنى ئىككى تال مايمۇن شاپتۇلى يەپ بەرسە، ئۇ، ھاردۇقنى چىقىرىپلا قالماي، ئۇنىڭ يەنە كىشىلەرنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈنمۇ كۆپ ياردىمى بولىدىكەن.

  تەتقىقاتچىلار 54 نەپەر ئوغۇل ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سىناققا قاتنىشىشنى تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بارلىق قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ساغلام ئىكەن. تەتقىقاتچى خادىملار ئۇلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلگەن بولۇپ، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكى قاتناشقۇچىلار ئالتە ھەپتە ئىچىدە ھەر بىر ئادەم كىشى بېشىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يېرىم تالدىن مايمۇن شاپتۇلى ئىستېمال قىلغان، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى قاتناشقۇچىلار ھەر كۈنى ئىككى تالدىن مايمۇن شاپتۇلى ئىستېمال قىلغان. كېيىن، ئالىملار بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۆزلۈك تۇيغۇسى ئۈستىدە ئانالىز ئېلىپ بارغان بولۇپ، نەتىجىدە، ئىككىنچى گۇرۇپپىدىكى قاتناشقۇچىلارنىڭ تېخىمۇ جانلىق، بېسىمغا تېخىمۇ ئاز ئۇچرايدىغانلىقى بايقالغان.

  تەتقىقاتچىلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۈر تەتقىقات ئارقىلىق، مايمۇن شاپتۇلىنىڭ چارچاشقا قارشى تۇرۇش ئۈنۈمى بارلىقى ئىسپاتلانغان. مايمۇن شاپتۇلى تەركىبىدە مول ۋىتامىن C، كالىي ۋە كۆپ مىقداردا ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددا ۋە ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان ماددىلار بار بولۇپ، ئۇ، بىزنىڭ بېسىمغا قارشى تۇرۇشىمىزغا كۆپ پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە يۇقىرى قان بېسىمىمىزنىڭ ياخشىلىنىشى ئۈچۈنمۇ كۆپ پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر