مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى فاتىمە ماخمۇت (ئۆزبېك) خەلق تورى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ نۇرغۇن دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بار، يىللاردىن بېرى ياخشى قوغدالمىغاچقا، ھازىر يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، شۇڭا قوغداش ۋە قوللاش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ئەزا فاتىمە ماخمۇت بۇ ھەقتە توختالغاندا يەنە مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتا سېلىنمىنى كۆپەيتكەن، مەملىكەت بويىچە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنىنى رېمونت قىلىپ سىرتقا ئېچىۋەتكەن بولسىمۇ ئەمما يەنىلا نۇرغۇن خارابىلىكلەرنى قوغداش- رېمونت قىلىش خىزمىتى يولغا قويمىدى. نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى، مىللەتلەرنىڭ ۋەتەننى بىرلىكتە قۇرۇغانلىقى، بىرلىكتە ئىناق-ئىجىل ياشىغانلىقى، ئۆزئارا سىغدۇرغانلىقىنىڭ ماددىي ئىسپاتى بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ «تۆت تونۇش» نى يېتىشتۈرۇش، ساياھەتچىلىككە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلاردا شۇ جاينىڭ خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم رولنى جارى قىلدۇرماقتا. لېكىن ھازىر مەبلەغ ئىلتىماس قىلىش يەنىلا بىر قەدەر تەس، دۆلەتنىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەزا فاتىمە ماخمۇت مۇنداق دېدى: نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەر ياشاۋاتقان رايوندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۇزۇلسا ،زىيىنى ئېغىر بولىدۇ. دۆلەت نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەتىگە ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، رېمونت قىلىش، ئەسلىھەنى قوغداش، خەتەردىن قۇتقۇزۇپ پۇختىلاش قۇرۇلۇشى، چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش قۇرلۇشى قاتارلىق ھەر خىل قوغداش خىزمىتىدە مەبلەغ بىلەن تېخنىكا جەھەتتە قوللاشنى كۈچەيتسە.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى