سۈرەتتە: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خەلىمە
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلى مۇخبىرى مەلىكە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ، جۇڭگو قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئالاقە بۆلۈمى تەرەپلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خەلىمە مۇنداق دېدى: قاتناش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، كەسپىي جىددىي قۇتقۇزغۇچىلار نەق مەيدانغا كەلگىچە ۋاقىت كېتىدۇ، لېكىن %50 قاتناش ۋەقەسىدە ئۆلۈم-يېتىم كۆپ چاغلاردا ۋەقە يۈزبەرگەن دەسلەپكى نەچچە مىنۇتتا بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈلۈك مېڭە زەخمىلىنىشى نەپەس توختىغاندىن كېيىكى 4-6 مىنۇن ئىچىدە يۈز بىرىدۇ. ئېغىر زەخمىلىنىش يۈز بەرگەن دەسلەپتىكى نەچچە مىنۇت ھاياتنى قۇتقۇزۇشتىكى ئالتۇن ۋاقىت بولۇپ، بۇ چاغدا ئەگەر تېزدىن توغرا ئۇسۇلدا قۇتقۇزۇلسا، كەسپىي جىددىي قۇتقۇزۇش ئەزالىرى قۇتقۇزۇش ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئېغىر يارىلانغانلار ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ نىسبىتىنى ئازايتالايدۇ.
ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى:2014-يىل 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، خەيكو شەھىرىدىكى تاكىسى شوپۇرى جېڭ ئەپەندى تىجارەت قىلىۋاتقاندا، نەپەس توختاپ قالغان يولۇچىغا ھوشىغا كەلتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، يولۇچى كېيىن قۇتقۇزۇلغان. جېڭ ئەپەندى بىرىنچى ۋاقىتتا توغرا قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان، بۇ ئۇنىڭ قۇتقۇزۇش تەربىيەسىگە قاتناشقانلىقىدىن بولغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر قاتناش ۋەقەسى نەق مەيدانىدىكى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، ئۆزئارا قۇتقۇزۇش ئۇسۇلىنى قاتناش مىنىستىرلىكى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 2012-يىلى بىرلىكتا تارقاتقان «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىلىرىنى ھەيدەش تەربىيەسى ئىمتىھانى تېزىسلىرى» گە كىرگۈزگەن، بۇ جەمئىي 2 سائەتلىك نەزەرىيە ئۆگىنىش. لېكىن ھازىر مەملىكىتىمىزدە شوپۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىدىغان قۇتقۇزۇش تەربىيەسى بىلەن قاتناش كەسىپى تەرەقىياتى خەلقئارادا كەڭ تارقالغان ئۇسۇل بىلەن سېلىشتۇرغاندا خېلىلا ئارقىدا قالغان، بىرى تەربىيەلەش دەرسى ئاز، نۆۋەتتە 2 سائەتلىكلا دەرس تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:قاتناش مىنىستىرلىكى بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش تەربىيەسى ئىمتىھان تېزىس» تۈزگەندە جىددىي قۇتقۇزۇشقا دائىر مەزمۇننى كىرگۈزۈش كېرەك.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى