كۈچۈكنىڭ ئاجايىپ تەتىلى (يەنە بىر ئىسمى: كۈچۈك ئوززىي)
كىنونىڭ تۇنجى قويۇلىدىغان ۋاقتى: 2-ئاينىڭ 2-كۈنى
رېژىسسور: ئالبېرتو رودېرېگىز
كىنونىڭ ئۇزۇنلۇقى: 90 مىنۇت
«كۈچۈكنىڭ ئاجايىپ تەتىلى»، بۇ كىنودا بىر دوستانە ۋە تىنچلىقپەرۋەر كىچىك ئوۋ ئىتى ئوززىينىڭ ھېكايىسى نى سۆزلىنىدۇ. ئۇنىڭدا، سىرتقا ساياھەتكە چىقماقچى بولغان ئۆي ئىگىسى ئوززىينى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەرمەك ھايۋانلار مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىدۇ، ئۇ يەردە ئوززىي بىر توپ يېڭى دوستلىرى بىلەن تونۇشىدۇ ھەمدە ئىلگىرى ئۇچراپ باقمىغان كىرىزىسقىمۇ دۇچ كېلىدۇ. ئىزچىل راھەت-پاراخەتلىك ۋە خاتىرجەم تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئوززىي بۇ جايدىكى ئاپشاركىلارنىڭ «قارا جەمئىيەت كاتتىبېشى»نىڭ چىشىغا تېگىپ قويىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تەرەپتىن ئەقلىنى ئىشلىتىپ، ھەر خىل ئاماللار بىلەن بۇ زومىگەرنىڭ ئۆزىگە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئۆزىگە ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچرىغان دوستلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئاجايىپ بولغان تەتىل ساياھىتىنى باشلايدۇ. ئىنتايىن ئىللىق بۇ كارتون فىلىمدىكى ۋەقەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ئىنتايىن تەسىر قىلارلىق بولۇپ، كىشىلەرگە دوستلىرى ۋە تۇغقانلىرىنى تېخىمۇ قەدىرلەشنى ئۆگىتىدۇ.