خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) شىنجاڭ «ھەرەمباغ» يېمەك - ئىچمەك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈپ، ئۇيغۇر يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش ئاساسىي مەقسىدىدىكى 3- نۆۋەتلىك «ھەرەمباغ <يىپەك يولى> لەغمەن يېيىش مۇسابىقىسى» 5-يانۋار ئۈرۈمچىدىكى «ھەرەمباغ» يېمەك - ئىچمەك ئاستانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غۇلجا، كورلا، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان مۇسابىقە رايونىدىكى «ھەرەمباغ» تارماق دۇكانلىرىدا بىرلا ۋاقىتتا تەڭ ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايون بويىچە 60 ماھىر ئالتە مەيداندىكى مۇسابىقىگە قاتناشتى. مۇسابىقە ئاخىرىدا، تۇرپان مۇسابىقە رايونىدىكى جاپپار قاھار ئالتە مىنۇت ئىچىدە 14 تەخسە لەغمەن يەپ، شىنجاڭ بويىچە چېمپىيون بولدى. ئۈرۈمچى مۇسابىقە رايونىدىكى 3-نومۇرلۇق ماھىر ئابدۇرېشىت ئەنۋەر 13 تەخسە لەغمەن يەپ، شىنجاڭ بويىچە 2- بولدى.
سۈرەتتە: 1. ماھىرلارنىڭ ئالدىغا لەغمەن قويۇلماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى