باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تېلېگراف ئابۇنىتلىرى 1-فېۋرالدىن باشلاپ تورغا كىرىش ئۈچۈن ھەقىقىي ئىسمىنى قوللىنىشى كېرەك

2017.01.05 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 4-يانۋار سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تېلېگراف مۇلازىمىتى كېلىشىمىگە ئالاقىدار ئىشلارنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرىدىن ئابۇنىتلار بىلەن تورغا كىرىش كېلىشىمى ئىمزالىغاندا، ئابۇنىتلاردىن ئۈنۈملۈك كىملىكىنى كۆرسىتىش، ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەش ۋە تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىپ، سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان ياكى سالاھىيەت تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلارنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى تەلەپ قىلغان. ئۇقتۇرۇش 2017-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئابۇنىتلار باشقا كىشىلەرگە تېلېگراف كەسپى رەسمىيەتلىرىنى ۋاكالىتەن بېجىرىشكە ھاۋالە قىلغان بولسا، تېلېگراف كەسپى تىجارەتچىلىرى ھاۋالە قىلىنغۇچىدىن ئابۇنىت ۋە ھاۋالە قىلىنغۇچىنىڭ ئۈنۈملۈك كىملىكى، ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرى بىلەن تەمىنلەپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر