باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى ئىستانبۇلدىكى كېچىلىك كۇلۇبتا تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتىنىڭ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېيتتى

2017.01.05 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇش ئوغلى 4-يانۋار ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، تۈركىيە ساقچى تەرەپنىڭ 1-يانۋار سەھەردە ئىستانبۇلدىكى كېچىلىك كۇلۇبتا تېررورلۇق ھۇجۇم قىلغان قاتىلنىڭ سالاھىتىنى بېكىتكەنلىكىنى، ۋەقەنى يەنىمۇ تەكشۈرۈش ھەمدە قاتىلنى قوغلاپ تۇتۇش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  چاۋۇش ئوغلى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئىسىم- فامىلىسى قاتارلىق تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىمىدى. تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ 4-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيەنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئىزمىر شەھەرلىك ساقچى تەرەپ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بۇ شەھەردە تېررورلۇق ھۇجۇم ۋەقەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ گۇمان قىلىنغان ئاشقۇن تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى» ئەزاسىدىن بولغان 40 گۇماندارنى قولغا ئالغان. بۇ 40 كىشى ئاساسلىقى تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغۇچىنىڭ تۇغقانلىرى ئىكەن.

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 4-يانۋار، تۈركىيە ۋە تۈركىيە خەلقىنىڭ ھەرگىزمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈركىيە جەمئىيىتىنى ئەسەبىيلەشتۈرۈش سۈيقەستىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  1-يانۋار سەھەردە، بىر قوراللىق كىشى ئىستانبول شەھەر مەركىزىدىكى «لېينا» ناملىق بىر كېچىلىك كۇلۇبقا بۆسۈپ كىرىپ، يېڭى يىلنى تەبرىكلەۋاتقان نەچچە يۈز كىشىنى ئوققا تۇتقان، 39 ئادەم قازا قىلغان، 69 كىشى يارىلانغان. «ئىسلام دۆلىتى» 2- يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پەيدا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر