خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 5-كۈنى، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېرى نۇرەخمەت چارۋىچىلىق رايونى يەسلىلىرىدىكى بالىلارغا توك ئىشلىتىشتىكى بىخەتەرلىككە ئائىت بىلىملەرنى چۈشەندۈرمەكتە. قىشلىق تەتىلنىڭ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سانجى چېگرا مۇداپىئە تارماق ئەترىتى مەلۇم چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە بالىلار باغچىلىرىغا كىرىپ، «قىشلىق تەتىللىك بىخەتەرلىك تەربىيەسىنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كىچىك دوستلارغا بىخەتەرلىك-ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقات كارتىسى تارقىتىپ ئوت، توكلارنى بىخەتەر ئىشلىتىش ۋە بىخەتەر سىرتقا چىقىش قاتارلىق بىلىملەرنى چۈشەندۈردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى