باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016-يىللىق «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» شىنجاڭ «يىپەك يولى» خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلاندى

رەئىس شۆھرەت زاكىر تۇنجى مەيدان توپنى باشلاپ بەردى

2016.07.28 16:35   مەنبە: خەلق تورى

2016-يىللىق «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» شىنجاڭ «يىپەك يولى» خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى باشلاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 26 - ئىيۇل چۈشتىن كېيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 16:20 دە، شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزى پۇتبول مەيدانىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقە توپىنى باشلاپ بېرىشى بىلەن 2016 - يىللىق «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» شىنجاڭ «يىپەك يولى» خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى.

  باشلىنىش مۇراسىمىغا يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تيەن ۋېن، جۇڭگو سۇڭ چىڭلىڭ فوندىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جىڭ دۈنچۈەن، جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رۇڭ جىشىڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.

  بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۆتكۈزۈشنى تەستىقلىغان، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى پۇتبول ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزى بىلەن شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، شىنجاڭ «تەڭرىتاغ يىلپىزى» پۇتپول كۇلۇبى بىلەن «خېڭشېڭ» تەنتەربىيە مەدەنىيەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن.

  شىنجاڭ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان ئۇتتى

  2016-يىللىق «تەڭرىتاغ يىلپىزى لوڭقىسى» شىنجاڭ «يىپەك يولى» خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىنىڭ تۈنجى مەيدانىدا شىنجاڭ ياشلار كوماندىسى ئىسپانىيە «ئىسپانىيىكلەر» پوتبۇل كۇلۇبى ياشلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.

  شىنجاڭ كوماندىسى 2 قارشى 3 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن تۇنجى مەيدان غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.

  مەيدانغا مۇسابىقىنى كۆرگىلى كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن قىزغىن ئالقىش سادالىرى ۋە ھۇررا سادالىرى بىلەن مۇسابىقىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن شىنجاڭ كوماندىسىنى تەبرىكلىدى.

  «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﻳﯩﻠﭙﯩﺰﻯ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ» ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ» ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﻰ 27 - ئىيۇل 2- ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺪﻯ. شۇ كۈنى ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ 18:00 ﺩﻩ، ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ 17 ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ ﺋﻪﺭﮔﻮﯓ ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ دۆلەتلىك 17 ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﺪﻯ.

  ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﮪﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ 0:0 ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻨﯩﯔ 26-ﻣﯩﻨﯘﺗﯩﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ 17 ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻏﯘﻻﻡ ﺋﻪﻟﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﭖ، ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯘﺯﺩﻯ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ 17 ﻳﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺴﻰ 0:1 ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪﻯ ﮪﻪﻣ ﻧﻮﻣﯘﺭ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻼﭖ، ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ «ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﻳﯩﻠﭙﯩﺰﻯ ﻟﻮﯕﻘﯩﺴﻰ» ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ «ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ» ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﭘﯘﺗﺒﻮﻝ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻏﻪلىبىنى ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ.

  سۈرەتتە: مۇسابىقىدىن كۆرۈنۈش، دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·يۇقىرى نومۇر ئەقىللىقلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغا-سالام قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى تىزگىنلەيدىكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى
    ·«جىددىي ھالەت» ئاستىدا تۇنجى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ 
    ·بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى
    ·ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىناي دېسىڭىز، بەش ئىشقا دىققەت قىلىڭ
    ·تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىلىمدىكى ناچار قىلمىشلارنى تۈزەيلى
    ·سانجى شەھىرى تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش پونكىتى تەسىس قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىروفېسسور بولۇش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈش لازىم