خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم «ئۈچ ئەل» ئىشخانسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىر گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى) بىڭتۈەن پەن تېخنىكا ئىدارىسى، 1-شى 6-تۈەن-مەيدانىدىن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى تۆۋەنكى غالدىر كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ يىلقى يازلىق تەتىلدە، كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارغا تەتىللىك پائالىيەت سورۇنى ھازىرلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشىگە ئاساس سېلىپ بەردى.
خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتكە چۈشكەندىن كېيىن، كەنت كۈتۈپخانسىنىڭ تۆۋەنكى غالدىر كەنتىدىكى بىر بوشلۇق ئىكەنلىكىنى بايقاپ، كۈتۈپخانىدا ئەسلىدە بار بولغان كىتابقا يەنە 100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ چىقىرىپ كىتاب جاھازىسى، ئۈستەل-ئورۇندۇق، كومپىيۇتېر، 10 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق يېزا ئىگلىك قوللانمىلىرى، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئوقۇشلۇقى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن كىتابلارنى تۇلۇقلاپ، كەنتتىكى ئوقۇغۇچلار ۋە دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشىگە تېخمۇ قولايلىق ياراتتى.
سۈرەتتە: ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى تۆۋەنكى غالدىر كەنتىدىكى ئوقۇغۇچىلار كەنت كۈتۈپخانسىدا كىتاپ كۆرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى