خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-مارت، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودورومى قاتتىق ياغقان قارنىڭ تەسىرىدە، ئايرودرومدىكى ئۇچۇش، قونۇش يوللىرى تاقاش ھەمدە سېرىق رەڭلىك كەڭ كۆلەملىك كېچىكىش جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر 51نۆۋەتچى ئايروپلاننىڭ كېچىكتۈرۈلۈپ، 5000دىن ئارتۇق يولۇچى تۇرۇپ قالدى
مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى ئايرودورومى قوماندانلىق مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 7:30غىچە ئايرودورومدىن كۆتۈرۈلىدىغان 49نۆۋەتچى ئايروپىلان ، ئايرودورومغا قونىدىغان تۆت نۆۋەتچى ئايروپىلان تەسىرگە ئۇچراپ، بىر نۆۋەتچى ئايروپىلان زاپاس ئايرودورومغا قونۇشقا مەجبۇر بولغان.T1ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا 1131يولۇچى، T2ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا 2040يولۇچى، T3ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا 1900يولۇچى تۇرۇپ قالغان.
ئايرودوروم سائەت 8:30دا ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى كەڭ دائىرىدە تەسىرگە ئۇچراش توغرىسىدا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىنى تارقاتقان بولۇپ، مېتېئورولوگىيە تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قار سائەت 12:00ئەتراپىدا توختىشى مۇمكىنكەن. قونۇش يوللىرى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 11:30غىچە تاقىلىدىكەن، سېرىق رەڭلىك سېگىنال بېيجىڭ ۋاقتى چۈشتىن كىيىن سائەت 2گىچە داۋاملىشىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى