باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>2016-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن

ۈ جېڭشېڭنىڭ سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىدا سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى (ئۈزۈندە)(2)

2016.03.06 13:29   مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ھالقىلىق سۆز مەسلىھەتلىشىش

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش زور تەدبىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنىنىڭ دەل جايىدا بولۇش، مەخسۇس تېمىسى گەۋدىلىك بولۇش، ۋاقتى زىچ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس كېڭىشىپ، يىغىندىن ئىلگىرى چوڭقۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يىغىندا پائال ھەمتۈرتكە بولۇپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يىغىندىن كېيىن پىكىر – تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا يوللاپ، ھەم باغلىنىشچان ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولىدىغان تەكلىپلەرنى ھەم ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ئامما ئىنتىزار بولۇۋاتقان، جەمئىيەت دىققەت قىلىۋاتقان پۇل مۇئامىلە، مالىيە، باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، شەھەر باشقۇرۇشتىكى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قۇرۇلۇشنى ئوت مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تالاش – تارتىشسىز مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىنى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈش، يېزىلاردىكى يەر ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش قاتارلىقلار بويىچە كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دېموكراتىك نازارەت قىلىش نۇقتىسىدىن تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بەردى. مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى، دېڭىز – ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنى، پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى، داۋالاش ماجىرالىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش نىزامى قاتارلىق قانۇن – نىزام لايىھەلىرىگە پىكىر بېرىپ، يول قاتنىشى بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش، باجغا چېتىشلىق كەسپىي مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا ئائىت قانۇن چىقىرىش قاتارلىقلار بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ كېڭىشىپ، ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئىجرا قىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھالقىلىق سۆز خەلق تۇرمۇشى

  خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈردۇق

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت رايون خاراكتېرلىك نامراتلىقتىن بىراق قۇتۇلدۇرۇش مەسىلىسىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ، نىڭشيا، گۇيجۇ ۋە چىنبا تاغلىق رايونى قاتارلىق مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، كېڭىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇردى. مائارىپ، داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىش، ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى، ئالاھىدە مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش، تەقلىدىي دورا سۈپىتى، جۇڭگو تېبابىتى – دورىگەرلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گېنى ئۆزگەرتىلگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىخەتەرلىكى، يېزا مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش، مېيىپلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلارغا قارىتا ئەقىل كۆرسەتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش، ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ بىرىكمە تەرەققىياتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي كونا رايونلار، مىللىي رايونلار، چېگرا رايونلار، نامرات رايونلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ماددىي ئەشيالارنى ئىئانە قىلىش، ئىلمىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ھال سوراش ئويۇنى قويۇش، خالىس كېسەل كۆرۈش، بىرلەشمە دىياگنوز قويۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىغا ھەقىقىي مېھرىبانلىق – غەمغورلۇق يەتكۈزدى. جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايىغا ئائىت 797 سان نەشر بۇيۇمى چىقاردى، ئەزالار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرىدىن كەلگەن 88 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق خەت ۋە 255 تۈركۈم /قېتىم زىيارەتكە كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىپ، ئاممىنىڭ دەۋا – تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىنكاس قىلدى.

  ھالقىلىق سۆز خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش

  خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتتۇق

  يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت ئەزالارنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مۇنبىرى بەرپا قىلىش، ئۆگىنىش – لېكسىيە سۆزلەشنى دائىمىي ئەزالار يىغىنى قارالمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۆگىنىش بىلەن خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈردى. ئەزالارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى كۈچەيتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشى، كېڭىشىدىغان نۇقتىلىق قارالمىلار قاتارلىق مەسىلىلەردە بارلىق سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكرىنى ئېلىپ، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالار خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش سۇپىسىنى كېڭەيتتى. كۆزدىن كەچۈرۈش – تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھلار، سىياسىي كېڭەشنىڭ مەخسۇس كومىتېتلىرى، يەرلىك سىياسىي كېڭەشلەر ۋە پەن تەتقىقات يۇرت ئورۇن) ىرى قاتارلىقلارنىڭ بىرلىشىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كوللېكتىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىلەن گۇرۇپپا بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پاراللېل قانات يايدۇرۇش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتنىشىش قېتىمىنى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. يىغىن پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، سىياسىي كېڭەش ئومۇمىي يىغىنى يىغىن ئىستىلى ۋە يىغىن ئىنتىزامىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، يىغىندا سۆز قىلىدىغانلارنى تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال دوكلات قىلىش بىلەن مەخسۇس تېمىدا دوكلات قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، دائىمىي ئەزالار يىغىنى قاتارلىقلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. تەكلىپ بېرىش ۋە تەكلىپ تۇرغۇزۇش ئۆلچىمىنى چىڭىتىپ، سۈپەتنى گەۋدىلەندۈردى، تەكلىپ بېجىرىشتە كېڭىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، 5003 تەكلىپنى بېجىردى، بېجىرىپ جاۋاب قايتۇرۇش نىسبىتى%99.5 بولدى. سىياسىي كېڭەشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىدا شۆبە پارتگۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ، ‹‹ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش›› مەخسۇس تېمىلىق تەلىم – تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەت ئىستىلىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، ئورگاننىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى.

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنپى، كەسپىي تېخنىكوم، شىنجاڭدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپلىرىغا تى…
      ·ئىچكىردىكى 32 ئالىي مەكتەپ شىنجاڭدا نۇقتا تەسىس قىلىپ سەنئەت  تۈرىدىن ئىمتىھان ئالدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلىغىچە جۇڭگوچە ئېچىۋېتىلگەن ئالىي مەكتەپ سىستېمىسىنى ئورنىتىدۇ
      ·بەشتىن ئارتۇق مېيىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان ئادەتتىكى مەكتەپلەردە بايلىق دەرسخانىسى تەسىس قىلىش كېرەك 
      ·شىنجاڭ 2016 ـ يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەتىجىسى 18-فېۋرال ئېلان …
      ·13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئىچكىردىكى ئالىي مەكتەپلەر شىنجاڭلىق ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى…
      ·قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا پارتلاپ ئوت كەتتى(1)
      ·بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتى∶ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش ئۆلچىمى چىقىرىلى…
      ·شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى: « ئوقۇش تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان كۆچمەن» ئ…
      ·شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇزىكا تۈرىدىكى بىر تۇتاش ئىمتى…