[كىرىش سۆز] ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئەل ئايلاندۇرۇش ۋە ئېچىلىش مۇراسىمىدا، دۆلىتىمىزدىكى 56 مىللەتتىن 56 نەپەر مەشئەلچى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرىنى كىيىشىپ، قوللىرىدا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ، 56 مىللەتنىڭ دوستلۇق كۈيىنى ياڭراتتى. بۇ 56 نەپەر مەشئەلچى ئىچىدە شىنجاڭدىن كەلگەن 7 نەپەر شىنجاڭ گۈللىرى بار بولۇپ، ئۇلار شىنجاڭدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە ۋەكىل بولۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى.
12-ئاۋغۇست كەچتە، خەلق تورى مۇخبىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقانلار ئۈچۈن مەخسۇس تەسسىس قىلىنغان مۇسۇلمانچە رېستۇراندا بۇ 7 نەپەر شىنجاڭ گۈلىنى ئۇچراتتى. بۇ بىر توپ شىنجاڭلىق قىزلار تاماق يېگەچ قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى، ئەگەر ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ئۇسلۇبىدىكى ئېنىق پەرقلەرنى دېمىسە، ئۇلارنى بىر ئائىلىدىكى 7 ئاچا-سىڭىلمىكىن دەپ قالاتتى. قىسقىغىنا تاماق ۋاقتىدا مۇخبىر ئۇلارنى بىر-بىرلەپ زىيارەت قىلدى، ئۇلارمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن زىيارەتنى قۇبۇل قىلدى.
ئاسىيە تۇرسۇن: مىللىي مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىش بەكمۇ ھۇزۇرلۇق
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاقتۇ ناھىيەسىدىن كەلگەن 26 ياشلىق قىرغىز مەشئەلچى ئاسىيە تۇرسۇن ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى بىر يېزىلىق ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى. مۇخبىرنىڭ سوئالىغا قارىتا ئۇنىڭ تەپەككۈرى ئېنىق، جاۋابلىرى ئىنتايىن تەرتىپلىك بولدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىملىق ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، ئۆزۈمنىڭ مىللىتىگە ۋەكىل بولۇپ مۇقەددەس ئوتنى بىرلىكتە ياندۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلەندىم ھەم ھاياجانلاندىم. ئىچكى موڭغۇلغا كېلىپ 56 مىللەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرگە بولۇش ناھايىتى تەستە كېلىدىغان پۇرسەت. بۇ يەردە بىز ھەرقايسى مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق، بىر قانچە كۈنلۈك پائالىيەت جەريانىدا ھەر مىللەت دوستلار ئارىسىدىكى ھېسسىياتىمىز يەنىمۇ كۈچەيدى.»
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى، بۇ قېتىملىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىدە بولدۇق. ھەممىمىز بىر چوڭ ئائىلە، ھەممىمىز جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى، بىر ئورتاق ئارزۇيىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو ئارزۇسى! بىرلىكتە قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرايلى!
مەنبە: خەلق تورى