باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

توغراق- ئاتاقلىق فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما(1)

2014.12.26 14:40   مەنبە: خەلق تورى

توغراق- ئاتاقلىق فوتوگراف ئابلىكىم ئەمەت فوتو سۈرەت ئەسەرلىرىدىن تاللانما(1)

  فۇتوگراف ئابلىكىم ئەمەت ھەققىدە :

  ئابلىكىم ئەمەت ئانا يۇرتىمىزنىڭ بىپايان سېھىرلىك قوينىدىكى تىلسىملاردىن دۇردانىلارنى قېزىپ، يوقىرى بەدىئىيلىككە ئىگە فۇتو سۈرەت ئەسەرلىرىنى ئاپىرىدە قىلغان، گۈزەللىككە تەشنا قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان فۇتوگراف. ئۇنىڭ«ئادەم ۋە تەبىئەت» تېمىسىدىكى بىر قاتار ئەسەرلىرى مول تەسەۋۋۇرغا، مۇكەممەل قۇرۇلمىغا، كۆركەم نۇر سەنئىتىگە، سىرلىق ئىپادىلەش كۈچىگە ئىگە بولۇپ، بەدىئىي سەنئەتنىڭ جۇلالىق گۆھەرلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ گاھىدا بۇشلۇقتا لاچىندەك پەرۋاز قىلىپ، گۈزەل ۋادىلارنى سۈرەتكە تارتسا بەزىدە مېھرى ئاتەش زېمىننى باغاشلاپ، كىشىنىڭ قەلبىنى لال قىلىدىغان جۇلالىق كارتىنىلارنى خاتىرىلەيدۇ. تەڭرىتاغ ئوغۇل-قىزلىرىنىڭ جەسور، نازاكەتلىك قىياپىتىنى يوقىرى بەدىئىي ماھارەتتە ئىپادىلەپ گۈزەللىك بابىدا رەڭگارەڭ گۈللەرنى ئېچىلدۇرىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر فۇتوگرافىيە سەنئىتى ساھەسىدە يۈكسەك پەللىنى يارىتىپ خەلقىمىز قەلبىدىن ئورۇن ئالغۇسى.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپ مۇدىرى ۋە يەسل…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بېسىمى يېنىكلىتىلدى
      ·بېيجىڭدا بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسىدە يېقىندىكى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ
      ·ئاپتونوم رايون قوش تىل مائارىپىنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتتى
      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2015- يىللىق ماگىستىر ئاسپىراتلىققا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپك…
      ·«ئاپتونوم رايوننىڭ 2015- يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى تىزى…
      ·ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرامەكتەپلىرى ۋە ئىچكىرى ئۆلكە(شەھەر)دىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىچكىر ئۆلكىلەردىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا كەسپى تېخنىكوم سىنىپلىرىغا 3 مىڭ 300 ئوقوغ…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر شىنجاڭ نۇسخىسىدىكى ئېقىم مەسىلىلىرى تەرب…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى : غەربنىڭ قىممەت قارشىنى تارقىتىدىغان دەرسلىك ماتېرىياللارنى دەرسخانىغا كىرگۈز…