باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كىمون پاكىستاندىكى بىر مەسچىتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2015.02.15 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون تۈنۈگۈن باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پېشاۋۇر شەھىرىدە بىر مەسچىتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلەپ: ھەر قانداق مەقسەتتە بۇنداق جىنايەتنى سادىر قىلىش پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈندىكى ھۇجۇمدا 19 ئادەم قازا قىلدى، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بىخەتەرلىك ۋە ئامانلىق ساقلاش خىزمىتى قىلىۋاتقان پاكىستانلىقمۇ ۋەقەدە قازا قىلدى، ھۇجۇمدا يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلاندى. بان كىمون بەخىتسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن ھال سورىدى.

  پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى پېشاۋۇر شەھىرىدىكى بىر مەسچىت تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 19 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۇندىن باشقا ئاز دېگەندىمۇ 40 ئادەم يارىلانغان. ھازىر ھېچقانداق بىر تەشكىلات بۇ قېتىمقى ۋەقەگە مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر