بېيجىڭ ۋاقتى 16-ئىيۇن سەھەر سائەت 09:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى C گۇرۇپپا 2-مەيدان مۇسابىقىسىدا كوتېدىۋا كوماندىسى ياپونىيە كوماندىسىنى 1:2 يەڭدى. مۇسابىقە باشلىنىپ ياپونىيە كوماندىسىنىڭ داڭلىق ماھىرى خوندا بىر توپ كىرگۈزۈپ ۋاقتىنچە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى، لېكىن كوتېدىۋا كوماندىسى بوشاشماي 62 ۋە 64 مىنۇتتا كەينى-كەينىدىن ئوخشاش شەكىلدە توپ كىرگۈزدى ۋە مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە ئۈستۈنلۈكنى ساقلىدى.