بېيجىڭ ۋاقتى 15-ئىيۇن سەھەر سائەت 03:00 دە ئۆتكۈزۈلگەن 2014-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى D گۇرۇپپا 1-مەيدان مۇسابىقىسىدا كوستارىكا كوماندىسى ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنى 1:3 يەڭدى. ئۇرۇگۋاي كوماندىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى كاۋانى ئاۋۋال بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ، كوستارىكا كوماندىسىدىن كامپېل، دۇئارتاي ۋە ئۇرېنا ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ توپ كىرگۈزۈپ، دۇنيا پۇتبۇل مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇردى.