خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كورلا شەھەر يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ 3-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايون بويىچە ئېلىپ بېرىلغان تەكلىپلىك بوكس مۇسابىقە پائالىيىتى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلدى
ئالدى بىلەن يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەرجان ياسىن بۇ مەكتەپنىڭ بوكس كاماندىسىنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ھەمدە بوكس كاماندىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا ياردەم بەرگەن يېڭىشەھەر يېزىلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە، تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە تىرېنېرلارغا، قوشنا كۇلۇبلارغا، ۋە پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشكە ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئاتا-ئانىلارغا، ۋەتەنپەرۋەر تىجارەتچىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. پائالىيەتكە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك كۈچتۈڭگۈرلەر بوكس چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى پەرھاتجان، كورلا شەھەرلىك ئەركىن چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئەركىنجان نامان، كورلا شەھەر باھادىرلار چېنىقىش كۇلۇبىنىڭ مەسئۇلى ئابلەتجانلار، ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، ھەمدە بۇ كۇلۇبتا تەربىيەلىنىۋاتقان كىچىك بوكس ماھىرلىرى يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىدە تەربىيەلىنىۋاتقان بوكس ھەۋەسكارلىرى، ۋە بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازارلىرىدىن كەلگەن 53 نەپەر بوكس ھەۋەسكارلىرى نەق مەيداندا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتتى، كورلا شەھەرلىك ئەركىن چېنىقىش كۇلۇبى، ۋە باھادىرلار چېنىقىش كۇلۇبىدىكى بوكس ھەۋەسكارلىرى بىر قانچە مەيدان بوكس ماھارىتى، ۋە ئەركىن مۇشتلاش ماھارەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئاخىرىدا تىرېنېرلارنىڭ ئادىل باھالاپ چىقىشى نەتىجىسىدە، 40 نەپەر بوكس ماھىرىنى ماددىي بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلىدى. ھەمدە كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا يېڭىشەھەر كەنت 1-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى مۇھەممەد تۇرسۇن، يېڭىشەھەر كەنت 2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات مەخسۇم روزىلار بوكس ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى بوكسچىلىق ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ، 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى. ئەنۋەرجان ياسىن مۇخبىرغا: بۇندىن كېيىن دەرسخانا ئوقۇتۇشىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جىسمانىي ساپاسى، ۋە ئەقلىي ساپاسىنى ياخشىلاپ، مەكتىپىمىزنىڭ بوكس كوماندىسىدىكى ئوقۇغۇچىلار سانىنى كۆپەيتىپ، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ بوكس ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
كورلا شەھەر يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتىپىدىن: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى