خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىلھام ياقۇپ خەۋىرى، فوتوسى : 21-مارت، بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ 11 يېزا، بازىرى سوخۇ يېزىسىغا جەم بولۇپ، 15-قېتىملىق نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى .
بۇ قېتىمقى نورۇز بايرىمى پائالىيىتىگە ناھىيەلىك تۆت بەنزىدىكى ئاساسىي رەھبەرلەر، ناھىيەگە قاراشلىق ئىدارە-ئورگان خادىملىرى، 11 يېزا، بازاردىن 500 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى قاتناشتى. پائالىيەتتە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بەدىئىيلىكى يۇقىرى، مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنلىرىنى كۆرسىتىش، تەشۋىقات تاختىيى، ئۇزۇن چاچلىقلارنى باھالاش، قوچقار، خوراز سوقۇشتۇرۇش، ئارقان تارتىشىش، تەپكۈچ تېپىش، چېلىشىش قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىلەشتى، دېھقان قول ھۈنەرۋەنچىلەر ئۆزلىرى ياسىغان مەدەنىي مىراس بۇيۇملىرىنى، كەشتىچى ئاياللار ئۆزلىرى كەشتىلىگەن كەشتە بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمىگە قويدى، ئۇندىن باشقا يەككە تىجارەتچى ۋە ئون مىڭدىن ئارتۇق تاماشىبىن بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بايرام شاتلىقىغا چۆمدى. بۈگۈر ناھىيە سوخۇ يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن ئىلھام ياقۇپ.
سۈرەتتە : پائالىيەتتىن كۆرۈنۈش
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى