باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كۆزەتكۈچىلەر ئۇكرائىناغا كىردى، رۇسىيە-ياۋروپا ئارىسىدىكى ئارىلىق يىراقلاشتى

2014.03.24 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، 200دەك رۇسپەرەس نامايىشچىلار قىرىمدىكى ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى. ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

  رۇسىيە تەرەپ 21-چېسلا، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۇكرائىناغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىشكە قوشۇلىدىغانلىقىنى، ئەمما كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قىرىمغا كىرىشىگە بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.گېرمانىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فرانىك ۋولتىر سىتېيىنمېيىر 22-چىسلا ئۇكرائىناغا زىيارەتكە بارغاندا، رۇسيەنى ئەيىپلەپ، "ياۋروپانى پارچىلاش"قا ئۇرۇنىۋاتىدۇ دېدى.

  رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى 21-چىسلادىكى بىر باياناتىدا «رۇسىيە خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئوبىكتىپ، ئادىل خىزمىتىنىڭ بۇ كىرىزىسنى ھەل قىلىشقا ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ" دېدى.رۇسىيە تەرەپ ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۆزەتكۈچىلىرىنى ئۇكرائىنا تەۋەسىدىكى «مىللەتچىلىك ــ باندىتلىق ھەرىكەتلىرى» ۋە «ئەسەبىيلىك»نى تۈگىتىشكە ياردەم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى.

  رۇسىيە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى. رۇسىيە تەرەپ ئۆز مەيدانىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 21-چېسلا كەچتىلا ئۇكرائىناغا كۆزەتكۈچى ئەۋەتىدىغانلىقى ھەققىدە بىر قارارغا كەلدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر