دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 22-مارت ئامىستېردامدا گوللاندىيە پادىشاھى ۋىليام ئالېكساندىر بىلەن كۆرۈشتى. شۇ كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خان ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، پادىشاھ ۋىليام ئالېكساندىر ۋە خانىش ماركسىما ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۇلارنى كۈتۈۋالدى. ئىككى تەرەپ ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن دوستانە سۆھبەتتە بولدى.