باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى قۇرۇلدى

2014.03.25 08:57        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مۇراسىمى 22–مارت ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى . يىغىندا ‹‹ شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى نىزامنامىسى ›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى ، شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزالىرى تاللاپ چىقىلدى ، يۇنۇس ئابلىز تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەندى .

  شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر قوش تىل مائارىپى تەتقىقات جەمئىيىتى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تەستىقلاپ قۇرغان ئاممىۋى خاراكتېرلىك ئىلمىي تەشكىلات بولۇپ ، شىنجاڭ مائارىپ ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ 2-دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيىتى . تەتقىقات جەمئىيىتى ئاساسلىقى قوش تىل مائارىپىنىڭ تېما تەتقىقاتىنى تەشكىللەيدۇ ، تەتقىقات ئورۇنلىرىغا ماسلىشىپ ، مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل ئوقۇتۇش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ، قوش تىل مائارىپى ئىلمىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ ، قوش تىل مائارىپىنىڭ تەجرىبە–تەتقىقات بازىسى پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ ياكى يېتەكچىلىك قىلىدۇ ؛ قوش تىل مائارىپى سىياسىتى ۋە كەسپىدىن مەسلىھەت سوراش پائالىيىتىنى تەشكىللىك قانات يايدۇرىدۇ ، شىنجاڭنىڭ قوش تىل مائارىپى تەتقىقاتىدىكى ئىرادىلىك ھەر مىللەت مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە تەشكىللەپ ، شىنجاڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەت مائارىپىنىڭ ئوقۇ–ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە دۆلەت ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل–يېزىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش سەۋىيەسىنى تىرىشىپ يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، ئاز سانلىق مىللەت تىل– يېزىقىنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر