- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مالايسىيا قاتناش مىنىسترلىقى: فرانسىيە سۈنئىي ھەمراھى جەنۇبىي كارىدور ئەتراپىدا گۇمانلىق جىسىم بايقىدى
2014.03.25 08:53 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايسىيا قاتناش مىنىسترلىقى 23-چېسلا بايانات ئېلان قىلىپ، مالايسىيا تەرەپنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە فرانسىيە تەرەپتىن كەلگەن يېڭى سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىنى، سۈرەتتە جەنۇبىي كارىدور ئەتراپىدا گۇمانلىق جىسىم كۆرسىتىلگەنلىكىنى، مالايسىيا تەرەپ بۇ سۈرەتلەرنى ئاۋسترالىيە قۇتقۇزۇشقا ماسلىشىش مەركىزىگە ئەۋەتىپ بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا دېيىلىشىچە، ئاۋسترالىيە شۇ كۈنى ئالاقىدار دېڭىز رايونىدا ئاختۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىكەن، بىراق مالايسىيا ۋاقتى سائەت 14:30 ئۆتكەنگە قەدەر، ئاۋسترالىيە تەرەپ مالايشىيا تەرەپكە ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغان ئايروپىلان بىلەن ئالاقىدار ھېچقانداق يېڭى ئەھۋال بايقىمىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر