خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى، فوتوسى: ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇسۇلمان قېرىنداشلارنىڭ ئەنئەنىۋى نەۋرۇز بايرىمى كۈنى. مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەر مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ مەيدانىدا «مەرىپەت بۆشۈكىدە نەۋرۇز مەشرىپى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. پائالىيەتكە كورلا شەھىرىنىڭ پېشقەدەم شەھەر باشلىقى مىجىت ھەسەن ئاكا، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخىي مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، كروران ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ئۆمەر مۇھەممەد ئىمىن (كروران)، كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى مەسئۇللىرى، كورلا شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملار، كورلا شەھىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا، بازارلىرىدىكى مەكتەپ مۇدىرلىرى، شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى، يېڭىشەھەر يېزىلىق ساقچىخانا ۋەكىللىرى، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزا يېڭىشەھەر كەنت 1-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق يەككە تىجارەتچى مۇھەممەد تۇرسۇن، يېڭىشەھەر كەنت 2-گۇرۇپپىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات مەخسۇم روزى، مائارىپنى قوللىغۇچى ئىلغار شەخسلەر، ۋە ئاتا-ئانىلار ۋەكىللىرى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. ھەمدە ئۇلار مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا-ئانىلارغا نەۋرۇز سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن بىرگە، نەۋرۇزغا ئاتاپ يازغان «نەۋرۇزنامە» لىرىنى ئوقۇپ بەردى. ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن نەۋرۇز شاتلىقىغا چۆمۈپ خۇشال-خۇرام ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئوينىغاچ نەۋرۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى.
سۈرەتلەردە: يېڭىشەھەر يېزا مەركىزى مەكتەپنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مەرىپەت بۆشۈكىدە نەۋرۇز شاتلىقى پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى