خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «رەڭدار قەلەملىرىم بىلەن سىزىلغان گۈزەل يۇرتۇمنىڭ ئەڭ ئېسىل مەنزىرىلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلغۇم بار». مانا بۇ كورلا شەھەر يېڭىشەر يېزا مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 2-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى ئېلزاتجان ئەيسانىڭ يۈرەك سۆزى.ئېلزاتجان مەكتەپكە كىرگەندىن بۇيان ،ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ ھەر يىلى «ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى»، «ئەلاچى ئوقۇغۇچى»،«ئەخلاق نەمۇنىچىسى» بولۇپ كەلمەكتە.
ئۇ 2013-يىلى 9-ئايدا بايىنغولىن ئوبلاستى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ماتېماتىكىدىن تېز ھېساپلاش، ۋە 2014-يىلى 3-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن تىل-ئەدەبىيات، خەنزۇ-تىلى پەنلىرى بويىچە زېھىن سىناش مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ، 1-ۋە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇ رەسىم سىزىشقا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، ئەسەرلىرى پەرۋاز ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغاندىن باشقا، ئاپتونوم رايون ۋە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك رەسىم مۇسابىقىلىرىدە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئۇنىڭ «يامغۇر»ناملىق رەسىمى 41-نۆۋەتلىك خەلقئارا بالىلار رەسىم مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مىدالغا ئېرىشتى. 2013-يىلى «خوشاللىققا تولغان بىر يىل»ناملىق ئەسىرى ئاپتونوم رايون بويىچە ئالاھىدە ئەسەر مۇكاپاتىغا، 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 43-نۆۋەتلىك خەلقئارا بالىلار رەسىم مۇسابىقىسىدا ئالتۇن مىدالغا ئېرىشتى ۋە مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «دۇنيا بالىلار گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى قامۇسى»غا كىرگۈزۈلدى.
ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋرى، فوتوسى
مۇھەررىر: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى