خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال سوچىدىن بەرگەن خەۋىرى: سوچىدا ھاۋا ئوچۇق، قارلىق تاغلار ۋە كۆپكۆك دېڭىز ئاپتاپتا جۇلالىنىپ تۇراتتى. چاغاننىڭ 8-كۈنى، يەنى شۇ يەر ۋاقتى 7-چېسلا چۈشتە، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 22-نۆۋەتلىك قىشلىق ئو ت م غا قاتنىشىدىغان جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى يوقلىدى.
سائەت 11دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئېچىلىش مۇراسىمى باشلىنىشقا 9 سائەتتەك ۋاقىت قالغاندا، شى جىنپىڭ كۆرۈشۈش زالىغا كىرىپ، جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرىغا قول پولاڭلىتىپ سالام قىلدى ھەم 50 نەچچە ئەزا بىلەن بىر-بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، زال ئىچى بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى. تەنھەرىكەتچىلەر، تېرىنىرلار ۋە خىزمەتچىلەر شى جىنپىڭنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشتى. (دۇ شاڭزې، لى جۇڭۋېن، ما جيەن خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)