خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-فېۋرال، CBA دائىملىق مۇسابىقىنىڭ 29-ئايلانما مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ ئۆز مەيدانىدا 109:101 نەتىجە بىلەن فوشەن كوماندىسىنى يەڭدى، بۇ مۇسابىقىدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ مۇسابىقە نەتىجىسى 22قېتىم يېڭىش، 7 قېتىم يېڭىلىش بولۇپ، ئىككى قېتىملىق ئۇدا يېڭىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە يېڭى يىلغا غەلىبە بىلەن كىردى ھەم پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىنى ئالدىن بېكىتتى.