- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
شىنجاڭدىكى 14 ئالىي كەسپىي مەكتەپ 2014-يىلى 6473 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى
2014.02.07 09:37 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
28-يانۋار، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، 2014-يىلى شىنجاڭدىكى 14 ئالىي ، كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس ) 6473 نەپەر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىكەن .
ئىگىلىنىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ‹‹2014-يىلى ئادەتتىكى ئالىي ، كەسپىي (مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلەرنىڭ مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى چۈشۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ››نى تارقاتقان . ‹‹ ئۇقتۇرۇش ›› تا ھەرقايسى مەكتەپلەر مۇستەقىل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لايىھەسىنى ئىلمىي ، ئەتراپلىق تۈزۈپ چىقىپ ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنغان .
«ئۇقتۇرۇش» بويىچە ، ئومۇمەن 2014-يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئىمتىھان بەرسە بولىدىكەن ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىن ئويلىشىلىدىكەن .
3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە، ھەرقايسى مەكتەپلەر تىزىملاش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈشكە تەشكىللىنىدىكەن .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر