ئىككى دۆلەت باشلىقى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنى بىرلىكتە تۈزدى
شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 6-فېۋرال شى جىنپىڭ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھرىدە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى. پۇتىن شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپكە بىنائەن سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن سوچى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قىزغىن، دوستانە، سەمىمىي كەيپىيات ئىچىدە، ئۆتكەن بىر يىلدىكى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ۋە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى بىر يىللىق ئىستراتېگىيەلىك پىلان ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ مۇھىم خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىستېراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ھەققىدە مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. (دۇ شاڭزې، چېن شياۋۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى