باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

خوتەن سامسىسىنىڭ داڭقى چىقتى سامسا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى(1)

2013.12.12 16:04   مەنبە: خەلق تورى

خوتەن سامسىسىنىڭ داڭقى چىقتى  سامسا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نويابىر ئايلىرىنىڭ ئاخىرى مۇخبىر خوتەن شەھىرى يۇرۇڭقاش بازىرىدا يىراق ـ يىقىنغا داڭقى چىققان سامسىخانا بارلىقىنى، بۇ سامسىخانىغا جاي ــ جايلاردىن خېرىدارلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا سامسىخانا خوجايىنىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارسىلىق قىلغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. مۇخبىر ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇ يەرگە باردى. ئەقىدەم سامسىخانىسىنىڭ خۇجايىنى مەمتىمىن تۇردى پەخىرلەنگەن ھالدا مۇخبىرغا، سامسىخانىسىغا خوتەن ۋىلايىتىدىكى شىنجاڭ ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملىرى تېزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايونلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تېزىملىكى «ئۇيغۇر خوتەن گۆشگىردە يېقىش ھۈنىرى»نىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى تۈرىنىمۇ ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

  مەمتىمىن تۇردىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بىر يىل بۇرۇن ئۇ دۇكىنىنى كېڭەيتكەندىن كېيىن كۈندە 5 مىڭ سامسا پىشۇرىدىغان، 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق تىجارەت قىلىدىغان بولغان، ئۇ 30 دىن ئارتۇق ئىشچى ياللىغان بولۇپ، تونۇردىن ئالتىنى كۆپەيتكەن. سامسا گۆشىنىڭ سۈپىتى ياخشى ھەم يېڭى، مەخسۇس خوتەندە بېقىلغان يەرلىك قوي، يەرلىك كالىنىڭ گۆشىنى ئىشلىتىدىكەن، يەنە گۆشنان، كۆمەچ، كاۋاپ، سامبۇسا قاتارلىق تائام تۈرلىرى بولۇپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجى بويىچە سامسىنىڭ ئىچىگە چىڭسەي، پەمىدۇر، لازا قاتارلىقلارنى قوشۇپ بېرىدىكەن.

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·جۇڭگو بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹بىرلەشمە تەجرىبىخانا قۇرۇش›› كېلىشىمى ئىمزالىدى 
    ·تىل تەربىيەسى بالىلارنىڭ ئەقلىنى ئېچىشقا پايدىلىق 
    ·گۇاڭدۇڭ بىلەن موسكۋا ئارىلىقىدا يۈك پويىزى قاتنىدى 
    ·ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى236 مىڭغا يەتكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى شەھەر-بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمىدىن كۆپ بولىد…
    ·يېزا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كىرىمى كەلگۈسىدە شەھەر بازار ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ 
    ·ئەنئەنىۋىي بالىلار ئويۇنى 
    ·مائارىپ ئىسلاھاتى تېخىمۇ ئادىل نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
    ·21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا نومۇر قوشۇپ بېرىش سىياسى…