باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قەرەللىك يىغىن ئېچىپ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى

2013.12.11 14:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  10-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قەرەللىك ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئالاقىدار مەسئۇللار كۆچمە نوپۇسنىڭ تۇغۇشنى تىزىملاش مۇلازىمىتى، جەمئىيەت بېقىۋېلىش ھەققىنى يىغىش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا سوئاللارغا بىرمۇ بىر جاۋاب بەردى.

  دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كۆچمە نوپۇس مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چيەن مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: دۆلەتلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەت تەۋەسىدە 40 شەھەرنى تاللاپ كۆچمە نوپۇسنىڭ سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش سىنىقى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك باشلايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە كۆچمە نوپۇسنىڭ كىنىشكا بېجىرىش مەسىلىسى دىققەتنى تارتتى. ۋاڭ چيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كۆچمە نوپۇس باشقا جايلاردا تۇغۇشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، بۇنىڭ بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى نوپۇسقا ئېلىش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى يوق. ھازىرغا قەدەر، 24 ئۆلكە جەمئىيەت بېقىۋېلىش ھەققى كىرىمى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، ئەمما بىرمۇ ئۆلكە چىقىم تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئېلان قىلمىدى. ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاساسىي قاتلامدىكى جەمئىيەت بېقىۋېلىش ھەققىنى يىغىشنى باشقۇرۇش خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان يىغىشنى باشقۇرۇشنىڭ قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسىگە قارىتا كەلگۈسىدە نازارەت قىلىش كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ، ئاساسىي قاتلامنىڭ جەمئىيەت بېقىۋېلىش ھەققىنى يىغىش تاپشۇرۇشنىڭ ئاشكارا بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر