بىر تورداش بۇ سۈرەت بىلەن بىللە مۇنداق يازغان: «مەن مۇرىيدا، مەن سىزگە شۇنى دېمەكچى: شىنجاڭ ياخشى! بۇ يەرنىڭ قوي گۆشى بەك مېزىلىككەن، كەچكى شەپىقى شۇنچىلىك گۈزەل، ئادەمنى مەست قىلىدىكەن.»
19-ئىيۇل ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مىكرو بلوگى يەنە «مەن ئۈرۈمچىدە، مەن سىزگە شۇنى دېمەكچى: شىنجاڭ ياخشى! كامېرايىڭىزنى ئېلىپ ئەتراپىڭىزدىكى ئادەم، مەنزىرە، ھېسسىيات، ۋەقەلەرنى سۈرەتكە تارتىڭ ھەمدە ۋاقىت-ئورۇنلارنى خاتىرىلەپ، ‹مەن سىزگە دېمەكچى: شىنجاڭ ياخشى› دىگەن تېمىنى قوشۇپ قويۇڭ. ھەممىمىز مېھرىمىز بىلەن بۇ شەھەرنى ئىللىتايلى» دېگەن مىكرو بلوگنى تارقاتتى. بۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بەس-بەستە ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش كارتېنىلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.