خەلق تورىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 18-كۈنى، 19-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، لىپمۇلىق سۈتلۈك قوغۇنى بېسىلغان ئۈچ يۈك ماشىنىسى كورلا شەھىرى لوڭشەن بازىرىدىن چىقىپ، گۇاڭجۇغا ئاتلاندى، ئاندىن ئۇ قوغۇنلار گۇاڭجۇدىن شياڭگاڭغا توشۇلىدۇ. بۇ 2013-يىلى بايىنغولىن ئوبلاستىدىن تۇنجى بولۇپ چېگرا سىرتىغا توشۇلغان سۈتلۈك قوغۇن. بۇ سۈتلۈك قوغۇنلارنى سېتىۋالغۇچى گۇاڭدۇڭ فېڭدۇ سەي يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى، شېركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورى بۇ قوغۇنلارنىڭ پۇراقلىق، تاتلىق ۋە چۈرۈك، تەملىك، شەكلىمۇ چىرايلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن شياڭگاڭ بازارلىرىدا قىزغىن قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېگىلىنىشىچە، بۇ قوغۇنلار لوپنۇر ناھىيەسىدىكى قوغۇنچى چېن يۈنىڭ چىلانلىقىدىن كەلتۈرۈلگەنىكەن، 2013-يىلى ئۇ چىلانلىققا 1000 مودىن ئارتۇق سۈتلۈك قوغۇن كىرىشتۈرۈپ تېرىغان ئىكەن.