ياپونىيەدىكى بيېفۇ، بيېفۇدىكى توققۇز چوڭ «دوزاخ». ياپونىيە بىيېفۇدا 2900دىن ئارتۇق ئارشاڭ بار. بۇنىڭ ئارىسىدىكى توققۇز «دوزاخ» ئەڭ داڭلىق. ئۇلارنىڭ ئۆزگىچە ئىسىملىرى بار. مەسىلەن، «دېڭىز دوزىخى» ۋە «ئالۋاستى دوزىخى»، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان «قان دوزىخى» مۇ بار بولۇپ، بۇ ئارىشاڭ كۆلچەكتىكى سۇنىڭ تۆمۈر مىقدارى مول بولغانلىقتىن، قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدىكەن.