خەلق تورىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. 2013-يىللىق تېلىۋېزىيە ناخشا مۇسابىقىسى شىۋېتسىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى مالمودا ئاخىرلاشتى. دانىيەلىك ناخشىچى ئەيمىلىي « كۆز يېشىلا بار» ناملىق ناخشىسى بىلەن چېمپىيون بولدى، ئەزەربايجانلىق ناخشىچى فارىد مومىدوف «مېنى قۇچاقلا» ناملىق ناخشىسى بىلەن ئىككىنچى بولدى، ئۇكرائىنىيەلىك ناخشىچى زلاتا ئوگنىۋىچ «يەرنىڭ تارتىش كۈچى» ناملىق ناخشىسى بىلەن ئۈچىنچى بولدى.
ياۋروپا تېلىۋېزىيە ناخشا مۇسابىقىسىنى ياۋروپا رادىيو بىرلەشمىسى 1956-يىلى باشلىغان بولۇپ، ھەر يىلى بىر ئەزا دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. شىۋىتسىيەدىكى داڭلىق ئابا مۇزىكا ئەترىتى، كانادالىق ناخشىچى سىلىن دىئان قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىپ نام چىقارغاندىن كېيىن، ئاندىن دۇنيا سەھنىسىگە يۈرۈش قىلغان.