ئاۋۇت بارات 1948-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيە يوپۇرغا يېزا توغرا ئۆستەڭ بويى «مېچىتكۆل» مەھەللىسىدە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە تىرىشىپ ئۈگىنىپ گۈزەل غايىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئۇل سالدى. «بەخت كېلىدۇ نەدىن، پىشانەڭدىكى تەردىن» دېگەندەك، ئۇ 1963-يىلىدىن 1967-يىلغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ جۇڭگۇ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىداا ئوقۇدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىدا ئوقۇتقۇچى، رادىيو ئۇزىلىدا دېكتور، «قەشقەر گېزىتى»دە تەھرىر، مۇخبىر بولۇپ ئىشلىدى. 1984-يىلى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكۇم تەشۋىقات بۆلۈمىگە يۆتكىلىپ كەلدى. 1994-يىلى ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى.
ئاۋۇت بارات خىزمەتكە قاتناشقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان خىزمەتلەرنى بېرىلىپ ئىشلەش بىلەن بىللە، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت، فوتو سۈرەت، ھۆسىنخەت ئىجادىيتى ۋە نەزەرىيەۋى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى.ئۇ 6000 پارچىغا يېقىن تېمىسى يېڭى، شەكلى ھەر خىل، مەزمۇنى چۇڭقۇر، ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بەدىئىي سۈرەتلەرنى تارتتى. گۈزەل، كۆركەم ھۆسنىخەتلەرنى، تەھلىلى چۇڭقۇر نەزەرىيىۋى ماقالىلەرنى يازدى، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئەسىرى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى گېزىت-ژۇرنال ۋە توپلام، قامۇسلاردا ئېلان قىلىندى. ئاۋۇت بارات ھازىر جۇڭگۇ فوتوگرافلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگۇ مىللىي ئۆرپ-ئادەت فوتوگرافلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ فوتوگرافلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ خەتتاتلار جەمئىيتىنىڭ دائىمى ھەيئەت ئەزاسى.