چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەر 1 مىليون 90 مىڭغا يەتتى
2013.05.28 16:56 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 27-چېسلا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى 2012-يىللىق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ھەققىدىكى ئىستاتىستىكا دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2012-يىلى، چەت ئەلدە ئوقۇپ قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 272 مىڭ 900 بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %46.57 كۆپەيگەن. 1978 يىلىدىن 2012-يىلىغىچە، تۈرلۈك چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 1 مىليون 91 مىڭ 200گە يەتكەن.(شېڭ رۇۋېي خەۋىرى؛ جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە