باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئالىي مەكتەپلەرگە قائىدىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تىزگىنلىنىدۇ

قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى رويخەتكە ئېلىنمايدۇ

2013.05.29 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2013-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنى ئىجرا قىلىش-نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، مائارىپ ئىنتىزام تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىش تارماقلىرى بىلەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى ئېلىش تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ، قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىش ، ئىمتىھاننى قاتتىق باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئادىل بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان تارماقلىرى، ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەتلىرىگە خىلاپ ھالدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇللىرىنى چىقارماسلىقى لازىم. قائىدىگە خىلاپ ھالدا نومۇرنى تۆۋەنلىتىپ «تاللاپ قوبۇل قىلىش» قىلمىشىغا نىسبەتەن بىردەك دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلىدۇ، قائىدىگە خىلاپ قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن مەسئۇل تارماقلارنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكىنى رويخەتكە ئېلىشىغاا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە