ئۈرۈمچى شەھىرىدە 24 مىڭ 618 ئادەم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلماقتا
2013.05.30 14:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىيۇننىڭ 7-، 8-، 9-كۈنلىرى ئىنتايىن ئادەتتىكى كۈنلەردۇر . بىراق دەل مۇشۇ بىر قانچە كۈندە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 24 مىڭ 618 نەپەر ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچى ئىمتىھان مەيدانلىرىغا كىرىپ، بىر مەيدان ئاۋازسىز «جەڭ»نى باشلايدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 12-، 8-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى پەيتلەرنى سۈرەتكە تارتتى، تۆۋەندىكى سۈرەتلەردىن ئۇلارنىڭ بىلىمگە ئىنتىلىشچانلىقىنى، غايە ئۈچۈن قەتئىي تىرىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايمىز.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە