باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرايلى

ـــــــ 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (6)

2014.10.30 17:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولى سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەققىيەت ۋە تەجىرىبىلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنىڭ بىردىنبىر توغرا يولى. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولىدا چىڭ تۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئومۇمىي يىغىننىڭ پۈتۈن قارارىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى قىزىل سىزىق بولۇپ پۈتۈن ئىشلارنى باشقۇرىدۇ. قايسى يولدا مېڭىشتەك تۈپ مەسىلە ئۈستىدە ئومۇمىي يىغىن ئېنىق سېگنال بەردى، نىشاننى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ سوتسىيالىتىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇشنى قوللانما ۋە ھەرىكەت قىبلىنامىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  1954-يىلى يېڭى جۇڭگودا بىرىنچى ئاساسىي قانۇن تۈزۈلۈپ، ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن «قانۇن ئىشىكى» قايتا ئېچىلدى، 15-قۇرۇلتايدا قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي پىلانى بېكىتىلىپ 2010-يىلىغا كەلگەندە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندى، بىز ئۇزۇن مەزگىللىك دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە ئۆزگىچە قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى يولىنى تېپىپ چىقتۇق. بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش يولى جۇڭگوچە سوتسىيالىسىزىم يولىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. مۇشۇ يولنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرلىگەندىلا دۆلەت ئەھۋالىغا قارىماي ھالقىشقا، شۇنداقلا كونىلىققا ئېسىلىۋېلىپ مۇتەسسىپلىق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ، پۈتۈنلەي كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ ئەينەن دوراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا جۇڭگونىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشى يولىدىكى زور مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ، خەلقنىڭ ھوقۇقىنى، جەمئىيەتنىڭ ھەققانىي-ئادىللىقىنى، دۆلەتنىڭ بىخەتەر مۇقىملىقىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتەك تۈپ مەسىلىدە چىڭ تۇرۇش ۋە كېڭەيتىشتە، بىز چۇقۇم ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك. (جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر