باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورچى ماقالىسى: پارتىيە نىزامى، ئىنتىزامىغا ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلايلى

2014.10.27 15:20         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 26-ئۆكتەبىر بېيجىڭ خەۋىرى: شىنخۇا ئاگېنتلىقى 25-ئۆكتەبىر "پارتىيە نىزامى، ئىنتىزامىغا ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلايلى" ماۋزۇلۇق ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلدى.

  ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيە قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ كۈرەش نىشانى بارغانچە ئۇلۇغ بولسا، دۇچ كېلىدىغان ۋەزىيەت بارغانچە مۇرەككەپ، زىممىسىدىكى ۋەزىپە بارغانچە جاپالىق بولىدۇ، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمدىلا يېپىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4- ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى بولۇپمۇ پارتىيەلىك رەھبىرى كادىرلار پارتىيە نىزامنامىسىدىكى پارتىيە ئىنتىزامىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىشى كېرەك، دۆلەتنىڭ قانۇن نىزاملىرىغا ئۈلگە بولۇپ ئەمەل قىلىشى لازىم. پارتىيەنىڭ باشتىن ئاخىرى ئىلغارلىقى، ساپلىقىنى ساقلاش-باشتىن ئاخىر ئۇيۇشۇش كۈچىگە، جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشنىڭ تۈپ تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى.

  ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئەزالىرى ئادەتتىكى پۇقرا، شۇنداقلا ئالاھىدە سىياسىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان، پارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا ئەمەل قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۆلەتنىڭ قانۇنىدىىنمۇ قاتتىق بولغان پارتىيە نىزامى ۋە ئىنتىزامىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك. بۇنىڭ ئەھمىيىتى جەھەتتە، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سالاھىيىتى تېخىمۇ كۆپ ئىنتىزام چەكلىمىسى ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشتىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنداقلا دەل مۇشۇ قائىدە بولغانلىقتىن، پارتىيە ئەزالىرى سىياسىي ئىلغارلىقنى گەۋدىلەندۈرىدىغان شەرەپلىك نامغا ئېرىشەلەيدۇ، ئاندىن پارتىيە ئومۇملۇقنى تولۇق ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنىڭ رەھبەرلىك يادروسىغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە بولالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر