باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ

2014.10.27 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-ئۆكتەبىر يېپىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. چەتئەللەردىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا مۇھىم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ جۇڭگونى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ، ئەنگىلىيە پارلامېنتى يۇقۇرى پالاتاسىنىڭ ئەزاسى پائول مۇنداق دېدى: بۇ جۇڭگونىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىدىكى بىر باشلىنىش، ئىجابىي بىر قەدەم، ئامېرىكا ئاقىل ئامبىرى بۇركىنس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى لى كەنرۇ مۇنداق دېدى: يىغىن ئاخباراتىدا جۇگونىڭ ئىجابىي ئالغا ئىلگىرلەش يۆنىلىشى ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، قانۇن تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ تەرتىپلىك، ئاشكارە، سۈپىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى بولىدىغانلىقى، مەنپەئەت گۇرۇھلىرى ۋە يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئارلىشىشى ئازىيىدىغانلىقى ئايان بولدى. ئاۋىستىرالىيەدىكى نوپۇزلۇق قانۇن مۇتەخەسىسى شېن خەنبىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: قانۇندىكى ھوقۇق ئورنىنىڭ ئېشىشى چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ بازىرىغا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ، مىسىرنىڭ ئېلىمىزدە تۇرۇشلۇق سابىق باش ئەلچىسى مەھمەد. ئەلا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر كۆپ، پەقەت كۈچلۈك مەركەز ئارقىلىق قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلغاندىلا ئاندىن مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدۇ، ئىتالىيە مىلانو كاتولىك دىنى ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو تىل مەدەنيەت پروفېسسورى مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ چىرىكلىككە زەربە بېرىش، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش تىرىشچانلىقى ئىنتايىن مۇھىم، ئىسپانىيەدىكى جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسىسىسى رىئوس مۇنداق دېدى: 4-ئومۇمىي يىغىندا چىقىرىلغان ئېنىق چاقىرىق قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىشنى بەلگىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر