باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئاممىۋى لۇشيەن: مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇش كېرەك(1)

2013.11.12 15:54         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش چىقاردى

  شىن ۋېيمىن خەۋىرى: ئاپتونوم رايوننىڭ ئاممىۋى لۇشيەن ھەققىدىكى تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 11 – نويابىر ‹‹سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇش ۋە <تۆت خىل ناچار ئىستىل> جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش››نى چىقىرىپ، مەخسۇس تۈزەشنى تۈزەش – ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنىڭ ئون تۈرلۈك مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ‹‹پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ قەتئىي تېجەشلىك بولۇپ، ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇش نىزامى››نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئىجرا قىلىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك مەخسۇس تۈزەشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىدا مۇھىم نۇقتا قىلىنغان ‹‹ماھىيەتتىن تۈزەش›› باسقۇچىغا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تەربىيە – ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئاپتونوم رايونىمىز سىياسىيدا كۈچلۈك بولۇشنى باشتىن – ئاخىر 1 – ئورۇنغا قويدى، مەخسۇس تۈزەش جەريانىدا، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى تۈزەشنىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇيرۇقنى ئىجرا قىلماسلىق، چەكلەنگەن تۇرۇقلۇق توسىماسلىق، سىياسەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تەدبىر تۈزۈش، ھەتتا ساختىلىق قىلىش، يۇقىرى – تۆۋەننى ئالداش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مىللەت، دىن قاتارلىق سەزگۈر مەسىلىلەردە قەتئىي بولماسلىق، قورقۇپ ئىلگىرىلىيەلمەسلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي سۆز – ھەرىكەتلەرنى تەنقىدلىمەسلىك، دوكلات قىلماسلىق، ئۇنىڭغا قارشى تۇرماسلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك. ئاچقۇچلۇق پەيتتە خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرماسلىق، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلماسلىق، تۇيۇقسىز ئەھۋال يۈز بەرگەندە دەرھال ھەرىكەتلەنمەسلىك، نېمە قىلارىنى بىلەلمەسلىك، ھەتتا قورقۇپ، قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىقتەك قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك سالغان، ۋەقە پەيدا قىلغان ياكى مىللىي بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ۋە دىندىن پايدىلىنىپ، قانۇنغا خىلاپ جىنايى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەنلەرگە قەتئىي زەربە بېرىش كېرەك.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا ‹‹تۆت خىل ناچار ئىستىل›› جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆججەت – يىغىنلار زىيادە كۆپ بولۇش، تەكشۈرۈش – باھالاشلار يامراپ كېتىش ئەھۋاللىرىنى نۇقتىلىق تۈزەش؛ ئىشىكتىن كىرىش قىيىن بولۇش، مۇئامىلە ناچار بولۇش، ئىش بېجىرىش قىيىن بولۇش ئەھۋالىنى تۈزەپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلققە قولايلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يامۇل ئىستىلىنى قەتئىي تۈزەش؛ ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغا بېرىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ – ئىچىش، ئىسراپخورلۇق قىلىشنى تۈزەش؛ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئۆلچەمدىن ئارتۇق سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنى كۆپ ئىگىلىۋېلىش، ھەشەمەتلىك بىنا – سارايلارنى كۆپ سېلىشنى تۈزەش؛ ‹‹ھۆكۈمەت ئۈچ خىراجىتى››نىڭ زىيادە كۆپ بولۇشىنى تۈزەپ، خامچوتتىن ئېشىپ كەتكەن ياكى خامچوتقا كىرگۈزۈلمىگەن چىقىمنى قەتئىي چەكلەپ، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىغا ئىشلىتىلىدىغان چىقىمنى، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن چەت ئەلگە چىقىدىغان ئۆمەك – تەشكىلات سانى ۋە كۆلىمىنى قەتئىي تىزگىنلەش؛ ‹‹ئوبراز قۇرۇلۇشى›› ۋە ‹‹نەتىجە قۇرۇلۇشى››نى تۈزەپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، قارىغۇلارچە تۈر تۇرغۇزۇۋالىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي توختىتىش؛ ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى تۈزەپ، يەر ئېلىش – كۆچۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، يېمەكلىك – دورا بىخەتەرلىكى، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، داۋالاش – سەھىيە جەھەتلەردە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قانۇن ۋە ئەرزگە چېتىلىدىغان قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىش كېرەك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر