باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: ئاشۇنداق بىر خىل كۈچنى بوشاشتۇرماسلىق كېرەك

ــ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇرىدىغان كۈچنى ئۇيۇشتۇرۇش (2)

2013.11.11 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىرقى جۇڭگو ئىسلاھاتىنى تەسۋىرلىگەندە دائىم دېگۈدەك مۇنداق ئىككى سۆز ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، بىرى «جەڭ مەزگىلى»، يەنە بىرى «كۆرۈنمەس ساھەسى». ئالدىنقىسى «قىيىنلىق»تىن دېرەك بەرسە، كېيىنكىسى «خەتەر»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ. مۇشۇنداق پەيتتە، خەلق ئەڭ ئارزۇلايدىغان نەرسە نېمە؟ ئىسلاھاتتا ئەڭ كېرەكلىك نەرسە نېمە؟

  «نۆۋەتتە ئىسلاھاتتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر تولىمۇ مۈشكۈل، ئۇلارنىڭ ھەممىسى غاجاش تەس بولغان قاتتىق سۆڭەككە ئوخشايدۇ. مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئىشنى غەيرەتكە كېلىپ بىر يولىلا قىلىپ تۈگىتىش كېرەك، ئارىسالدى بولۇپ، قورقۇپ ئالدىغا ماڭمىساق، ئالغا باسالمايلا قالماستىن، بەلكى قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسى بىكارغا كېتىدۇ». باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ سۆزى، سەللا بوش قويۇۋېتىلسە پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشتا ھەققانىيەت يولىدىن قايتمايدىغان جاسارەتنى بىلدۈردى، ئالدىغا ماڭمىسا چېكىنىپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە قانداق روھىي كەيپىيات بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكى توغرىسىدا بىزنى سەگەكلەشتۈردى، بۇ دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ.

  35 يىل مابەينىدە، بىز ئىسلاھات ئېلىپ باردۇق، ئىشىكنى ئېچىۋەتتۇق، بۇنىڭ كۆرسەتكەن تەسىرى مىسلىسىز بولدى، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك مۇۋەپپەقىيەتنىمۇ قولغا كەلتۈردۇق، جۇڭگونى تارىخنىڭ يېڭى بىر پەللىسىگە كۆتۈرۈپلا قالماي، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنمۇ گۈللىنىش ئارزۇسىغا ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردۇق. مۇشۇنداق مەزگىلگە قەدەم قويغان ۋاقتىمىزدا، «غۇلىچىغا چىداپ، غېرىچىغا چىدىمىساق، قىلغان ئەجىرىمىز ھەممىسى بىكارغا كېتىش» خەۋپىدىن ھوشيار بولۇشىمىز لازىم. دۇنياغا نەزەر سالساق، بەزىبىر دۆلەتلەرنىڭ «ئوتتۇرا ھال كىرىم تۇزىقى»دىن ساۋاق ئېلىشىمىز كېرەك، جۇڭگونى قىسقا ۋاقىتلىق «كوللېج گۈللىنىشى» دەپ قارايدىغان ھۆكۈملەرمۇ ئاندا-مۇندا ئاڭلىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ؛ دۆلىتىمىزدىمۇ بىزنى ئىسلاھات جاسارىتىنى يوقاتتى، ھەتتا «ئىسلاھات قىلىپ ھاردۇق يېتىپ قالدى» دەپ ئەندىشە قىلىدىغانلارمۇ بولۇۋاتىدۇ. بۇنداق چۈشكۈن قاراشلارنى بەك كۆڭلىمىزگە ئەپ كەتمەيلى، بىراق بىپەرۋالىق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر