باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

يۇقىرى-تۆۋەننى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ قىيىنچىلىقتىن غالىب كېلەيلى

ئىسلاھاتتا تۈز يول بولمىسا قانداق قىلغۇلۇق؟

2013.11.11 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  35 يىللىق ئىسلاھات ئەمەلىيىتىدە، پارتىيەمىز ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، يۈكسەك ئەقىل-پاراسىتى بىلەن ئىسلاھات يولى ئىزدەپ، قىممەتلىك تارىخىي تەجرىبە توپلاپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مېتودولوگىيەسىنى ياراتتى.

  ئۇسۇل توغرا بولسا، ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ.

  بۇ يىل 7-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېيدا خىزمەت تەكشۈرگەندە «مۇرەككەپ شەيئى تەسەۋۋۇرىدىن ئىسلاھاتنى توغرا ئىگىلەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى، بولۇپمۇ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى چوڭ-چوڭ مۇناسىۋەتلەرنى توغرا ئىگىلەش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. بۇ ئىسلاھات تەجرىبىسىنىڭ قىممەتلىك خۇلاسىسى، شۇنداقلا ئىسلاھات ئۇسۇلىنىڭ ئىلمىي يەكۈنىدۇر.

  18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىن ئىسلاھاتنىڭ قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى يەنە بىر قېتىم ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

  «يۇقىرى» بىلەن «تۆۋەن»نىڭ ماسلىقى ‐‐ تەجرىبە توپلاش بىلەن يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنىڭ بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىدۇر

  بۇ يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىركەت كاپىتالىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدە يولغا قويۇلدى.

  بۇنىڭدىن بۇرۇن، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى قويۇۋېتىشتەك ئىسلاھات تەپەككۇرى بويىچە، بېيجىڭدىكى جۇڭگۇەنسۈن، شاڭخەيدىكى پۇدۇڭ، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلاردا كارخانا تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىش سىناق قىلىنىپ، «بوسۇغىنى تۆۋەنلىتىپ باشقۇرۇشنى چىڭىتىش» ئارقىلىق كارخانىلارنىڭ تىزىملىتىش قىزغىنلىقى قوزغالغانىدى.

  ئۇ يۇقىرى قاتلام لايىھەسى بىلەن تەجرىبە توپلاشنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. 35 يىلدىن بۇيان، ئەنخۈي ئۆلكىسىنىڭ شياۋگاڭ كەنتىدىن باشلانغان مەھسۇلاتقا بىرلەشتۈرۈپ ئائىلىلەرگىچە كۆتۈرە بېرىش، شېنجېندىكى كىچىك بېلىقچىلىق كەنتىدىن بىخلانغان ئالاھىدە رايوننى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق يەرلىكتىكى نۇرغۇن يېڭىلىقلار زور ئىسلاھات تەدبىرىگە ئايلىنىپ، دۆلەتنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كېڭەيتىلدى. «يۇقىرى» بىلەن «تۆۋەن» ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق ياخشى مۇناسىۋەت ۋە تۈرتكەدىن «جۇڭگو پاراسىتى» نامايان بولدى.

  ئىسلاھات ‐‐ مۇرەككەپ سىستېمىلىق قۇرۇلۇش. ئىسلاھات قىيىن جېڭىدە يۇقىرى قاتلام لايىھەسى بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەجرىبە توپلاش داۋامىدا قانۇنىيەتنى ئىگىلەپ، بىرتۇتاش پىلانلاش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر