باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

بىر نىيەت–بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ كۆرگەزمىنىڭ ئوڭۇشلۇق، غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلايلى

2013.09.03 10:45         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن)نىڭ يىغىنىدا 3 –نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا–ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى

  چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىشىغا يەنە توققۇز كۈن قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 24 – ئاۋغۇست چۈشتىن كىيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنى ئېچىپ، كۆرگەزمىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىش ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلىدى، 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى ھەر قايسى ھالقىلارنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى قايتا ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا ئالدى بىلەن 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ئالدىدا، ئىجرائىيە كومىتېت ‹‹بالدۇر پىلانلاش، بالدۇر ئورۇنلاشتۇرۇش، بالدۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› خىزمەت تەلىپى بويىچە، خىزمەتلەرنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىنچىكە لايىھە تۈرۈپ، خىزمەت تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى، بازارلىشىشى، كەسىپلىشىشى ۋە داڭلىق ماركا يارىتىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى نىشان قىلىپ، كۆرگەزمىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ھازىر، سودىگەر، كۆرگەزمىچى چاقىرىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشتى، يەرمەنكە ئورنىنى بېزەش خىزمىتى تاماملاندى. كۆرگەزمىنىڭ تۈرلۈك چوڭ پائالىيەتلىرى، مۇنبەر ۋە مەخسۇس تېما پائالىيەتلىرى، كۈتۈۋېلىش، مۇلازىمەت كاپالىتى، تەشۋىقات، ئامانلىق ساقلاش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى.

  دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلەش كېرەك؛ ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىشى تۈپ كاپالەت؛ كۆرگەزمىنىڭ ئورنى ھەم يۇقىرى، ھەم توغرا بېكىتىلىشى، كۆرگەزمىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك سۇپا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى، ئومۇميۈزلۈك، كەڭ ساھە، كۆپ قاتلاملىق، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبەتلىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈلۈشى، سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئالىدىغان، سىياسىي جەھەتتە ئېچىۋېتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا يەتكۈزۈپ، تەڭ بەھرىلىنىدىغان، دىپلوماتىيە جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان مۇناسىۋەت ئەندىزىسى تىرىشىپ شەكىللەندۈرۈلۈشى كېرەك؛ ھالقىما تەرەققىيات ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ، كۆرگەزمىنىڭ زور سودا پۇرسىتىگە ئىگە بولۇشىغا، نى – نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ جەزمەن دۇنياۋى نەزەرگە ئىگە بولۇپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، شىنجاڭنى ئاساس قىلىپ، مەملىكەت ئىچىگە تايىنىپ، ياۋروپاغا يۈزلىنىپ، دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىپ، كۆرگەزمىنىڭ ئۆلچەم دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قىممەت كۆلىمى، تەسىر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك؛ بايلىقنى بىرلەشتۈرۈش، بىرلىكتە جەڭ قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك؛ داڭلىق ماركا يارىتىش ۋە قۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كۆرگەزمىنى دۆلىتىمىزدىكى 1 – دەرىجىلىك كۆرگەزمىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىشىش، بازارلىشىش، كەسىپلىشىش، داڭلىق ماركا يارىتىش يولىدا مېڭىپ، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ تەپسىلات غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنى بەلگىلەيدۇ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، قىلچە بىپەرۋالىق قىلماي، خىزمەتلەرنى نۇقسانسىز ئىشلىگەندىلا بارلىق پائالىيەتلەرنىڭ مۇكەممەل ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛ ‹‹ئىككىدە تىرىشىش››تا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تونۇپ يېتىش كېرەك. كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم رايون، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم دەرۋازا، ئېنېرگىيە بايلىقى جەھەتتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك بازا ئىكەنلىكىدەك ئالاھىدە ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ شىنجاڭنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئېلىشتىكى ئىچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى، ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئىچىۋېتىش ئەندىزىسىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئورۇن ئىكەنلىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربىي رايوندىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نۇقتىسى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بولۇشتەك رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ شىنجاڭ ئېلىمىزنىڭ ‹‹ئۈچ ئاساسىي جاي، بىر قانال››بولۇشىدىكى مۇھىم رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى؛ شىنجاڭنىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول ۋە سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى رايون ئۈستۈنلۈكى دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ كەسىپلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشىنى يۇقىرى نۇقتا، يۇقىرى سەۋىيە، يۇقىرى ئۈنۈمدە قوبۇل قىلىدىغان غايەت زور بوشلۇققا ئىگە بولۇش ئەۋزەللىكى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇنىمۇ تولۇق تونۇپ يېتىش كېرەككى، دۆلەت دەرىجىلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا شىنجاڭنىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى؛ كۆرگەزمە ئارقىلىق يەنە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈش، يېڭى نەتىجىلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جاسارەتلىك ۋە غەيرەتلىك بولۇشتەك روھىي قىياپىتى بىۋاسىتە، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك، چىن نامايان قىلىپ بېرىلدى.

  جاڭ چۈنشيەن كۆرگەزمىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى خىزمەت تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن مۇنداق تەلەپ قويدى: ئامانلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كۆرگەزمىنىڭ تىنچ ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ خىزمەت لايىھەسىنى ئەستايىدىل يولغا قويۇپ، كۆرگەزمە ئىستىلىنىڭ ساپ، ئەمەلىي بولۇشىغا، مۇلازىمەتنىڭ ئەلا، ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بىرقەدەر قېلىپلاشقان ۋە پىشىپ يېتىلگەن مېخانىزم ۋە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ تەشۋىقات خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، ياخشى جامائەت پىكرى مۇھىتى يارىتىش كېرەك؛ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، قولايلىق، تېز بولۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئانچە زور تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا تىرىشىپ كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ ھەر مىللەت ئاممىسىنى قىزغىن سۆيۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، كۆپ سانلىق ئاممىغا ئىشىنىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆرگەزمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاش ۋە ئاكتىپ قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك. كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ، ھەمكارلىشىپ، ماسلىشىپ، بىر نىيەت – بىر مەقسەتتە خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، كۆرگەزمىنىڭ ئوڭۇشلۇق، غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يىغىندا يەنە مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ يۆلەش – ئېچىۋېتىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، يۆلەش – ئېچىۋېتىشكە دائىر تەدبىرلەرنىڭ چوڭقۇر ئەمەلىيلىشىشى، ئاساسىي ئورۇنلاردا يۆلەش – ئېچىۋېتىش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، ساھە، تارماقلارنىڭ يۆلەش – ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا قاتنىشىشىنى كۈچەيتىش، يۆلەش مېخانىزمى ۋە ئۇسۇلىدا پائال يېڭىلىق يارىتىش، شارائىت يارىتىپ مەركەزنىڭ يۆلەش – ئېچىش بويىچە قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش قاتارلىقلار تەتقىق قىلىنىپ، ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار مۇئاۋىن رەئىسلىرى، 3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسى ئىجرائىيە كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر