سۆرەتتە: 21- نۇيابىر مۇھەممەد ئابلىز خېىردارلىرىغا باققان غازلىرىنىڭ نەسىلىنى چۈشەندۈرمەكتە.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نىياز راھمان خەۋىرى ، فوتوسى : كۇچا ناھىيەسىنىڭ ئىشخىلا بازىرى قۇمئېرىق كەنتىدىكى ياش دېھقان مۇھەممەد ئابلىز ئۆز كەنتىنىڭ غاز بېقىشقا باپ كېلىشتەك ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن ئالدىن بېيىغان دېھقانلار بىلەن بىرلىشىپ« قۇمئېرىق دېھقانلار غاز باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى» قۇرۇپ، بۇ ناھىيەدە غاز باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى يوق بولۇشقا خاتىمە بەردى، نۆۋەتتە ، بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئەزالىرى 24 گە، يېتەكلىگەن دېھقان ئائىلىسى 149غا، رويخەتكە ئالدۇرغان مەبلىغى 550مىڭ 700يۈەنگە، بېقىلىۋاتقان غاز 20مىڭ 500گە يەتتى.