باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› نى روياپقا چىقىرىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرايلى

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى1–يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2013.03.07 16:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باھار پەسلى ھاياتىي كۈچكە تولغان، ئۈمىدكە تولغان پەسىل. خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇ – ئۈمىدلىرىنى كۆڭلىگە پۈككەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000دەك ۋەكىلى بۈگۈن ‹‹خەلق›› سارىيىغا جەم بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرىنى كېڭىشىپ، ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزۈپ، 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلايدۇ. بۇ، ئېلىمىزنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى چوڭ ئىش، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭى قەدىمىنى باشلىدى، يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىشى بىلەن، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى›› 1 مىليارد 300 مىليون خەلققە يېڭى ئۈمىد ئاتا قىلدى. مۇشۇنداق دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى بۇ قېتىمقى يىغىنغا تېخىمۇ زور ئارزۇ – ئۈمىدلەرنى يۈكلىدى. قانداق قىلغاندا پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى، خەلقنىڭ رايىنى دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ‹‹جۇڭگو ئارزۇسى››نى روياپقا چىقارغىلى بولىدۇ؟ بۇ، پۈتكۈل مەملىكەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، جاھان ئەھلى بۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ.

  خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان تۈپ سىياسىي تۈزۈم. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۆتكەن بەش يىلنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن – تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن تارتىپ، نازارەتچىلىك قىلىش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى دۆلەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىشتىراك قىلدۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ كۆرۈنەرلىك، ئۈنۈملۈك خىزمىتى شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە رەھبەرلىكى، خەلق ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ۋە دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىسىتىك دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش يولىنى بويلاپ پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىگەندىلا، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ زور ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت ياراتقىلى بولىدۇ.

  تارىخ ۋە ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئارزۇ – ئۈمىدكە قانچە يېقىنلاشقانسىرى، ئىلگىرىلەش يولى شۇنچە جاپالىق بولىدۇ. ھازىر دۇنيادا 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلانغان جۇڭگو تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە خىرىسقا دۇچ كەلدى. گۈللىنىشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق تۈگۈندە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دېموكراتىيەنى ئويۇشتۇرۇشتىكى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىدىغان، قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان بىرىكمە كۈچنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى دۆلەتنى باشقۇرۇش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۈنۈمىنى كېڭەيتكەندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بۈيۈك ئىشلىرى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىيالايدۇ.

  خەلق قۇرۇلتىيى دۆلەتنىڭ خەلق بەرگەن ھوقۇقنى يۈرگۈزىدىغان مۇھىم ئورگىنى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز ئىشى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى مەملىكىتىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن، شۇنداقلا ھەرمىللەتتىن بولۇپ، ھەر ساھە، ھەر تەرەپلەردە ئاكتىپ رول ئويناۋاتىدۇ، خەلقنىڭ ئەمەلىي ئىجادىيىتىدىن ئەقىل – پاراسەتكە ئېرىشىش، خەلقنىڭ تەرەققىيات تەلىپىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ توپلاشقا ماھىر بولغاندىلا، خەلق رايىنى تېخىمۇ ياخشى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئەقىل – پاراستىنى مۇجەسسەملەپ، خەلقنىڭ كۈچىنى ئۇيۇشتۇرغىلى، شۇنداقلا تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ تاكامۇللاشقان خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مىليونلىغان خەلقنى خوجايىنلىق روھىي ھالەت بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلغىلى ۋە تەشكىللىگىلى بولىدۇ.

  قانۇن ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ئۇسۇلى، قانۇن ئىدارە قىلىش روھى مەدەنىي جەمئىيەتنىڭ مۇقىم ئاساسى. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدا دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت قۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش توغرىسىدا يېڭى تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر، ۋەزىپىسى مۈشكۈل. بىر قولدا ئىلمىي قانۇن چىقىرىش، دېموكراتىك قانۇن چىقىرىشنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولدا قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشنى چىڭ تۇتقاندىلا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ. يېڭى پەللىدە قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىلىق سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنى تەتبىقلاش ئارقىلىق، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زىددىيەتنى ھەل قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگەندىلا، دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان دۆلەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، ئۇزاق ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.

  2013 – يىلى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 1 – ۋە 2 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى ھەم 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدىغان تۇنجى يىلى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پۈتكۈل مەملىكەت خەلقىنىڭ تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، بۇ، ئىشەنچ ھەم مەسئۇلىيەت. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئومۇمىيەت ئېڭى، خەلق ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينى دېموكراتىك، ئىتتىپاق، ئەمەلىيەتچىل، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇرۇلتايغا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  يىغىننىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە