باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

«خەلق گېزىتى» ئوبزورچىسى: قانۇن ئىدارە قىلىدىغان جۇڭگو بەرپا قىلىپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيەتنى ئىشقا ئاشۇرايلى

2013.01.08 16:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ئاينىڭ 7-كۈنى مەملىكەتلىك سىياسىي-قانۇن خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش»، «تۆت تۈرلۈك ئىسلاھات»، «بەش خىل ئىقتىدار»دا بۇ يىللىق سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ پىكىر يولى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىسى يىغىنچاقلاپ بېرىلدى؛ ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش تۈزۈمى، نوپۇس تۈزۈمى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ سەمىمىي ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى كۆرسىتىپ، سىياسىي-قانۇن خىزمىتىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى نامايەن قىلىدۇ.

  قانۇن ئىدارە قىلىش— ئىنسانىيەت سىياسىي مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدا، قانۇن ئىدارە قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىش-ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى «تۈپ ئۇسۇل» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىلمىي يول بىلەن قانۇن چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ھەققانىي، ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇميۈزلۈك قانۇنغا رىئايە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش تەلەپ قىلىندى، شۇنداقلا رەھبىرىي كادىرلار «قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى» ۋە «قانۇن ئىدارە قىلىش شەكلى»نى تەتبىقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەلىپى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش بولسۇن ياكى باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، مۇلازىمەتنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسۇن قانۇن ئىدارە قىلىش ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋاسىتە.

  جەمئىيەتتە ئادىللىق-ھەققانىيلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئىزچىل تەشەببۇسى، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسيالىزم ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپىسى. سوتسيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تۈپ تاكتىكىسىنىڭ يۈرگۈزۈلىشىگە ئەگىشىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەت ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىققا بولغان ئىنتىلىشىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى، بىر قىسىم ئامما بەزىدە كىچىككىنە ئادىللىقنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشتىنمۇ بەكرەك كۈچەيدىغان بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە